Uyghur→ChineseMain Dictionary
رېفلېكس
بىئولوگىيە
反射
fǎnshè
ئورگانىزمنىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ماسلىشىشچانلىق رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىشى. ئۇ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى رېفلېكس يايدىن ئىبارەت. رېفلېكس يايسى بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلارنى يەتكۈزۈش رېتى بويىچە تىزغاندا؛ رېتسېپتور ← مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋا ← نېرۋا مەركىزى ← مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا ← ۋە ئېففېكتورلاردىن ئىبارەت. رېتسېپتور بىر خىل ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇغچى قۇرۇلما بولۇپ، ئىچكى تاشقى مۇھىتتىكى غىدىقلىنىشنى نېرۋا ئىمپۇلسىغا ئايلاندۇرالايدۇ. مەسىلەن، كۆز يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئالماشتۇرىدۇ، قۇلاق ئاۋاز ئېنېرگىيىسىنى مېخانىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلسى كىرگۈچى نېرۋىلار ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا مەلۇم بىر ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىنى تەڭشەيدىغان ھەرخىل ھۈجەيرە گۇرۇپپىلىرى بولۇپ، ئۇلار نېرۋا مەركىزى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تىز رېفلېكسى مەركىزى بەل قىسىم يۇلۇندا بولىدۇ؛ مۈڭگۈز پەردە رېفلېكسىنىڭ مەركىزى كۆرۈش مېڭىدە بولىدۇ ۋە باشقىلار. نېرۋا مەركىزىنىڭ پائالىيىتى مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق ئېففېكتورلارغا بېرىپ ئېففېكتورلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئېففېكتورلار رېفلېكس پائالىيىتىنىڭ رېفلېكتورلىرى (رېفلېكس ئورگانلىرى) ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ رېفلېكسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، بەزى ئەھۋاللاردا تەن سۇيۇقلۇقى تەركىبلىرى قاتنىشىپ رېفلېكس يايسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان (<نېرۋا - تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىشىگە قاراڭ). رېفلېكس يايسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى چوقۇم مۇكەممەل بولغاندىلا ئاندىن رېفلېكس ئېلىپ بارالايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ھالقا بۇزۇۋېتىلسە رېفلېكس پائالىيىتى پەيدا بولمايدۇ. رېفلېكسنى شەرتسىز رېفلېكس ۋە شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
پسىخولوگىيە
反射
fǎn shè
بۇ ھايۋاناتنىڭ تەسىرىگە نېرۋا سىستىمىسى ئارقىلىق قانۇنىيەتلىك ھالدا بەرگەن جاۋابى (رېئاكسىيىسى) دىن ئىبارەت. رېفلېكىس پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نېرۋا يولى رېفلېكىس ياسى دەپ ئاتىلىدۇ. رېفلېكىس شەكىللىنىش جەريانى بويىچە ئالغاندا، ئۇ شەرتسىز رېفلېكىس ۋە شەرتلىك رېفلېكىس دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. بارلىق پىسخىك ھادىسلەر، پەيدا بولۇش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا، ھەممىسىلا بۇ ئىككى خىل رېفلېكىسنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ئىبارەت.
«شەرسىز رېفلېكىس» ، «شەرتلىك رېفلېكىس» لارغا قارڭ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
fǎn shè ,fǎn shè zuò yòng
反射,反射作用
گىئولوگىيە,تېببىي,باغۋەنچىلىك
反射
fǎn shè