UyghurMain Dictionary
يورۇقلۇق يىلى
ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە تونۇش
چەكسىز ئالەم بوشلۇقى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار بىلەن تولغان. ئۇنداقتا، چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنى قانداق «گەز» ئارقىلىق ئۆلچەش كېرەك؟ بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان كىلومېتىر، مېتىر قاتارلىق ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرى ئالەمنى ئۆلچەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن كىچىكلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئاسترونوملار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئالاھىدە چوڭ «گەز» — «يورۇقلۇق يىلى» نى تېپىپ چىقتى.
يورۇقلۇق يىلى دېگىنىمىز، نۇرنىڭ بىر يىلدا باسقان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. نۇر سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىر يورۇقلۇق يىلى9 تىرىليون460 مىليارد كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ. بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىنى سائەتلىك تېزلىكى1000 كىلومېتىرلىق ئايروپىلان بىلەن توختىماي ئۇچقاندىمۇ1 مىليون يىلدا ئاران بېسىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ. نۇر تېزلىكى كائىنات بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەت بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئارىلىقلارنى يورۇقلۇق يىلى بىلەن ئۆلچىسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئاسترونومىيە ئىلمىدە يەنە دائىم «ئاسترونومىيىلىك بىرلىك» ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى مۇساپە ئارىلىقى، بولۇپمۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا ئارىلىقى ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئاسترونومىيىلىك بىرلىك يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدىكى ئارىلىققا تەڭ بولىدۇ. يەنى تەخمىنەن149 مىليون600 مىڭ كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ.
بەزىدە ئاسترونوملار يەنە باشقا بىر خىل تېخىمۇ چوڭ ئاسترونومىيىلىك گەز «پارسېك» نى قوللىنىدۇ. بىر پارسېك265 206 ئاسترونومىيىلىك بىرلىككە، يەنى26 .3 يورۇقلۇق يىلىغا ياكى30 تىرىليون800 مىليارد كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
<يورۇقلۇق يىلى> بىلەن <يىل> ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇم بولۇپ، <يىل> ۋاقىت بىرلىكى؛ <يورۇقلۇق يىلى> بولسا ئۇزۇنلۇق (ئارىلىق) بىرلىكىدۇر. ئاسترونومىيىدە ئاسمان جىسىملىرى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئارىلىقى، يۇلتۇزلار بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقى <يورۇقلۇق يىلى> ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى جىسىمنىڭ تېزلىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتر (ئېنىق سانى 299792.458 ) تېزلىكتە تارقىلىدۇ.
بىر كۈن 86 مىڭ 400 سېكىنتۇتقا تەڭ بولغانلىقتىن، يورۇقلۇقنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى2.592 × 100 مىليارد كىلومېتر بولىدۇ. بۇ سان يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ 173 ھەسسىسىگە تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاسترونومىيە
يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ھېسابلاشتىكى بىرلىك، يەنى يورۇقلۇقنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسقان مۇساپىسى، ئۇ تەخمىنەن بىر تىرىليون كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ.