UyghurMain Dictionary
باكېر
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1893) ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى، يازغۇچى. ئىنژېنېرلىقتىن كېلىپ چىققان. 1848-يىلى سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا) نۇۋارا ئېلىيا تاغلىق رايونىدا دېقھانچىلىق مۇستەملىكە رايونى قۇرغان. 1861-يىلى ئافرىقىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ، ئارابارا ۋە نىل دەريالىرى ئېقىمىنى تەكشۈرۈپ، نىل دەرياسى لاتقىلىرىنىڭ ئېفىئوپىيىدىن كېلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان ھەمدە ئەرەبچىنى ئۆگەنگەن. 1864-يىلى 3-ئايدا سپېك ۋە گرانت تەمىنلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئالبېرت كۆلى (ھازىرقى موبۇتۇ كۆلى) نى تاپقان.1865-يىلى 10-ئاياد ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى مىسىر خىدىۋى تەرىپىدىن پادىشاھلىققا تەيىنلىنىپ، مىسىرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، يۇقىرى نىل دەرياسى رايونىدا زېمىن كېڭەيتكەن ھەمدە ئېكۋاتور ئۆلكىسىگە ۋالىي بولغان. يەنە سېپرۇس، ھىندىستان، سەيلون، سۈرىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلغان ياكى ساياھەت قىلغان. <ئالبېرت كۆلى>، <ھەبەشىستان چېگرىسى ئىچىدىكى نىل دەرياسى تارماقلىرى> دېگەن مۇھىم ئەسەرلىرى.