UyghurMain Dictionary
سىناق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئانا ۋەتەن
شىنجاڭ داشك
كىتاپ
كىتاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىدارە، جەمئىيەتلەردە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىلىمى ۋە ئىش قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۇسۇلى، سوئال - جاۋاب يولى بىلەن بولىدۇ.
<سىناق> تارراق، مۇددەتسىز بولىدۇ.
بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ۋاقتىدا ئىمتىھان ئېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نازارىتى بۇ يىل ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئىشچى قوبۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قابىلىيىتىنى سىناق قىلىپ: سىز خىيال بىلەن كېتىپ بارغاندا، ئالدىڭىزدىن بىر ئىت چىقىپ سىزگە ئېتىلسا، سىز قانداق قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوقۇغۇچى: دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىغۇچە جىم ياتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سىناش ئىشى؛ ھالقىلىق پەيت، قىيىن شارائىت.
سىناققا دۇچ كەلمەك.
بىرەر ئىش، مەھسۇلات، ئۇسۇل قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى، خۇسۇسىيىتى، سۈپىتى، ياراملىقلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كونكرېت ئۆلچەم بويىچە، مەلۇم ئەسۋاب ياكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجرىبە ياكى شۇ مەقسەتتە قىلىنغان ئىش - ھەرىكەت.
سىناق قىلماق.
<مائار> ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ياكى مەلۇم تېخنىكا ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ياكى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئېلىنىدىغان ئىمتىھان.
سىناق ئالماق.