UyghurMain Dictionary
ما يىيۈي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1900 - 1961)جۇڭگودىكى ئىسلام ئۆلىماسى. ئەنخۇي ئەنچىڭلىق، خۇيزۇ. ئەنخۇيدىكى سىياسىي - قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇغان. ياش چاغلىرىدا ئەنچىڭدا ئىپتىدائىي دىنىي مەكتەپكە مۇدىر بولغان. كېيىن شاڭخەي ئىسلام دارىلمۇئەللىمىندا ئوقۇتقۇچى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە گۇيلىندىكى بېيپىڭ چىڭدا دارىلمۇئەللىمىندە ۋە چۇڭچىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىسلام تارىخىدىن دەرس ئۆتتى. 1947 - يىلى شاڭخەي چېنمىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولدى. ئەنچىڭ يىزىې باشلانغۇچ مەكتىپىنى ئاچتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەنچىڭ شۆبىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. 1954 - يىلىدىن باشلاپ ئەنخۇي ئۆلكىلىك تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولدى. جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، قانۇن تەتقىقاتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللاندى. بولۇپمۇ جۇڭگو ئىسلام تارىخى، خۇيزۇلار تارىخى توغرىسىدا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، <جۇڭگو ئىسلام دىنى تارىخى>، <جالىڭجاڭ تەزكىرىسى>، <خۇيزۇلار تارىخى>، <جۇڭگودىكى مەسچىت ۋە مەقبەرىلەرنى تەكشۈرۈش>، <تەقۋىملەرنى دەلىللەش> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.