Chinese→UyghurMain Dictionary
卡拉姆辛
دۇنيا تارىخى
كارامزىن
(1766 - 1826) روسىيىلىك تارىخشۇناس، يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان. 1789 - 1790 - يىللىرى غەربىي ياۋرۇپانى ساياھەت قىلغان. <روسىيە ساياھەتچىسنىڭ مەكتۇپلىرى> دېگەن ئەسىرىدە بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابىنى قارىلىغان. <موسكۋا ژورنىلى> ھەم <ياۋرۇپا ئاخباراتى> ژورناللىرىنى تەسىس قىلغان. چارپادىشاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن تارىخ يېزىپ، كونسېرۋاتىپ ئاقسۆڭەكلەر مەيدانىدا تۇرۇپ، چارپادىشاھنىڭ مۇستەبىتىلىك تۈزۈمىنى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنى جېنىنىڭ بارىچە ياقلاپ، روسىيىنىڭ تارىخى - مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنىڭ تارىخى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇ تارىخنى ئۇلۇغ كىشلەر ياراتقان دەپ تونۇپ، تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنى، ئىدىيىۋى مۇددىئاسىنى يېشىپ بېرىشكە، بارلىق تارىخىي ھادىسىلەرنى ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ <قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى روسىيە توغرىسىدا خاتىرىلەر> ۋە 12 توملۇق <روسىيە تارىخى> دېگەن ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردا تارىخىي ھۆججەتلەر زور مىقداردا ئىشلىتىلگەن، ماتېرىياللار مول، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. كارامزىن يەنە سېنىتمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، <بىچارە لىزا>، <شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمى مارفا> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنى يازغان.