UyghurMain Dictionary
تىزىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب -ژۇرنالدىكى ماۋزۇلار ياكى مۇھىم مەزمۇنلارنى يېزىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە بەت نومۇرىنى يېزىپ، مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈپ چىقىلغان جەدۋەل.
<رويخەت> كۆپىنچە كىشى ناملىرى تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
<تۈركىي تىللار دىۋانى> ئىندىكىسى ئىشلەنمەكتە. <تارىم> نىڭ ھەر يىللىق تىزىمى ئىشلەندى. < ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆز - ئىبارىلەر لۇغىتى> كۆرسەتكۈچى مەلۇم سەۋەب بىلەن بېرىلمەي قالدى. <ماركس - ئېنگلېس ئەسەرلىرى> دىكى مەشھۇر شەخسلەر رويخېتى ھەرقايسى تومدا بېرىلگەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىزىم، تىزىق.
بىر تىزىم يىنچۈ _ بىر تىزىق ئۈنچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىسمى، مىقدارى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى قۇرمۇقۇر، رەتلىك تىزىلغان يازما مەلۇمات، جەدۋەل.
سىز تويلۇقنى جەزمەن تىزىم بويىچە قايتۇرۇپ كېلىڭ.