Chinese→UyghurMain Dictionary
东方战线
دۇنيا تارىخى
شەرقىي ئۇرۇش سېپى
1939 - 1940 - يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربتەرەپتىكى زېمىنىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان. گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان مۇداپىئە لىنىيىسى. 1939 - يىلى 9 - ئايدا گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا، سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي چېگرسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پولشا ھۆكۈمىتى سەرگەردان بولۇپ رومىنىيىگە باردى. ئىككىنچى كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى سوۋېت - پولشا چېگرىسىدىنئۆتۈپ، غەربىي ئۇكرائىنا بىلەن غەربىي بلوروسىيىگە كىردى. 11 - ئاينىڭ 1 - ۋە 2 - كۈنلىرى غەربىي ئۇكرائىنا بىلەن غەربىي بلوروسىيە، سوېت ئىتتىپاقى ئۇكرائىناسى ۋە سوۋېت بلوروسىيىسى بىلەن قوشۇۋېتىلدى. 1940 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت - فىنلاندىيە ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، فىنلاندىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، كارېلكاياغا تۇتاشقان ۋبورگ شۇنىڭدەك باشقا بىرمۇنچە يەرلەرگە ئېرىشتى ھەمدە خانكو يېرىم ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا يېقىن ئاراللارنى ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى. 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ۋە 16 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرىم - ئايرىم لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيىلەرگە نوتا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا دوستانە بولغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى؛7 - ئايدا ئۈچ دۆلەتتە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈچ دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىردى. 1940 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى رومىنىيىدىن بېسارابىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شىمالىي بۇكوۋىنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلدى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى بېسارابىيە بىلەن شىمالىي بۇكوۋىناغا كىردى. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېسارابىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشتۈرۈلدى، شىمالىي بۇكوۋىنا بىلەن ئۇكرائىنامۇ بىرلەشتۈرۈلدى، يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر قوللىنىلغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي چېگرىسى ئەسلىدىكى چېگرىسىدىن غەربكە 300 - 400 كىلومېتىر ئۇزىراپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستراتىگىيىلىك ئورنى مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلاندى.