UyghurMain Dictionary
ھاڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغۇ تاشلار ۋە سۇ بويىنىڭ ئۇيۇلۇپ كەتكەن يېرى.
<ھاڭ> بەك چوڭقۇر ئويۇلغان يەر.
<گىلاڭ> قۇمۇل شېۋىسىدە <تىك يار>.
<ئۇچۇرۇم>، <ئۇچما> لار ئەڭ خەتەرلىك چوققا.
ياردىن غۇلىساڭمۇ ياۋغا بوي بەرمە. يارنى چىم بېكتىدۇ. تىڭ قىياغا مىڭ يىل قاراپ تۇرساڭمۇ ئۇنىڭدىن بىرەر يوچۇق پەيدا بولمايدۇ. جاپا - مۇشەققەت تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن پەلەمپەي، قاۋۇللار ئۈچۈن دۆلەت، ئاجىزلار ئۈچۈن تېگى يوق ھاڭدۇر. ئالدىمىزدىكى يارداڭدىن ساق - سالامەت ئۆتسەڭ، ئۇ تەرىپى تۈز يول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ۋاقتىدىكى چىقىدىغان ئاۋازى.
ئېشەكنىڭ تۇيۇقسىز ...<ھاڭ> قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئارقامغا قارىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۆت تەرىپى تىك، بەك تېرەن، چوڭقۇرلۇق.
شۇنچە چوڭ تاغنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن ھاڭنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ چۈشەتتى.
كۆچمە. ئۆتۈش قىيىن بولغان توسالغۇ، توسۇق.
ئۇ ئىككىسىنىڭ مەنىۋى بىرىكىشى بۇرۇنقى ئىش، ھازىر ئوتتۇرىدا ھاڭ بار، قانداق چۈشەنگەن بىلەنمۇ ھاڭ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
«ھاڭ قاتماق» گە قاراڭ.