UyghurMain Dictionary
توماس بېكېت
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1118- 1170) ئەنگلىيە كاتولىك دىنى مىسسىئونېرى. لوندوندىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1155 - يىلى ئەنگىلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ نىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان. 1162 - يىلى كېنتېربېرى ئېپىسكوپى بولغان. كېيىن كورۇلنىڭ دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، ھېنرى Ⅱ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان (<كلارېندون نىزامنامىسى> غا قاراڭ). بىر مەزگىل فرانسىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 1170 - يىلى 11 - ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ھېنرى Ⅱ تۆت نەپەر رىتسارنى مەخپىي ئەۋەتىپ، ئۇنى كېنتېربېرى چېركاۋىدا ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن. ئەنگىلىيە فېئوداللىرى بۇنى باھانە قىلىپ، ئاممىنى كورۇلغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىغان. ھېنرى Ⅱ نىڭ ۋەزىيەتنىڭ مەجبورلىشى بىلەن، 1174 - يىل 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بېكېتنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئوچۇق - ئاشكارا توۋا قىلغان.