Uyghur→ChineseMain Dictionary
شارچە مېۋە
بىئولوگىيە
球果
qiúguǒ
قارىغاي ۋە ئارچا تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئورگىنى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاتىلىق شارچە مېۋە (يەنى كىچىك سپورىلىق يوپۇرماق شارچىسى) ۋە ئانىلىق شارچە مېۋە (يەنى چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق شارچىسى) بولىدۇ. ئاتىلىق شارچە مېۋىنىڭ مېۋە ئوقىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك سپورىلىق يوپۇرماقلار بۇرمىسىمان تىزىلىپ ئۆسىدۇ، ھەربىر كىچىك سپورىلىق يوپۇرماقنىڭ ئوققا يىراق يۈزىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىچىك سپورىلىق خالتا (چاڭدان) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە گۈل چېڭى بولىدۇ. ئانىلىق شارچە مېۋىنىڭ مېۋە ئوقىدا نۇرغۇنلىغان ئورىغۇچى يوپۇرماقلار بۇرمىسىمان تىزىلىپ ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ قولتۇق ئارىلىقىدا چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق (تۈگۈن تەڭگىچىسى) ئۆسىدۇ، ھەربىر چوڭ سپورىلىق يوپۇرماقنىڭ ئوققا يېقىن يۈزىدە بىر ياكى بىردىن كۆپ تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن، ئانىلىق شارچە مېۋە پىشىش ۋاقتىدا، تۈگۈن تەڭگىچىسى ياغاچلىشىدۇ، ئۇ مېۋە تەڭگىچىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ تۆرەلمە تۈگۈنى يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە مېۋە بولمايدۇ، ئۇلاردىكى شارچە مېۋە مېۋە مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.