UyghurMain Dictionary
پو ئاتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى كۆپتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىپ سۆزلىمەك.
سۈمۈرگىن بىرنى كەمتەرلىك جامىدىن، مەنمەنلىكنى، لاپ ئۇرۇشنى تاشلىغىن. ئۆزۈمنى چاغلىماي شىىلتىڭ ئېتىپتىمەن. پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن. پاختا ئاتقاندىن قورق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
چوڭ گەپ قىلماق، يوغان سۆزلىمەك، لاپ ئۇرماق، مۇبالىغە قىلماق: - سىز ئاغزىڭىزدا قورقمايمەن دەپ ھەر قانچە پو ئاتقىنىڭىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئالدىڭىزغا قاراپ يولۋاستىن، كەينىڭىزگە قاراپ بۆرىدىن قورقىمىز - دە، ئۇكام ! - دېدى كاتىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چوڭ گەپ قىلماق، يوغان سۆزلىمەك. پاختا ئاتماق. مۇبالىغە قىلماق.