Lughet
DictionaryChinese塞琉古一世
ChineseUyghurMain Dictionary

塞琉古一世

دۇنيا تارىخى سېليۇكوس Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 358 - 280) سىليوس پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 312 - 280) سېليوس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ماكېدونىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئانتىئوكۇسنىڭ ئوغلى. ئالېكساندر (ئىمپېراتور) بىلەن بىللە يىراققايۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كۈچلۈك سەردار بولغان. ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى) بابىلونىيىنىڭ باش ۋالىيسى (مىلادىدىن 321 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 316 يىل ئىلگىرى ئانتىگونۇس يومېنېس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنى ئالېكساندرنىڭ ۋارىسى دەۋالغاندا، مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، ئانتىگونۇسقا بىللە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تولېمىي، كاسساندروس، لەيسىماكوس قاتارلىقلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى بابىلون رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى تىكلىگەن. ئادەتتە مۇشۇ يىل سېليوسى پادىشاھلىقى ۋە خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلانغان (مىلادىدىن 304 يىل ئىلگىرى رەسمىي خان بولغان). ئۇ زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ئىران دەرياسىغىچە ئىشغال قىلىۋالغان. ھىندىستان ماۋۇرۇيا خاندانلىقىدىكى چاندراگۇپتا بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىن ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈشكەن (مېگاستېنېس ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچى ئەۋەتىلگەن). مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى ئىپسوس ئۇرۇشىدا تولېمىي بىلەن بىرلىكتە ئانتىگونۇسنى ئۈزۈل - كېسىل يېڭىپ (جەڭدە ئۆلگەن)، يەنە سۈرىيە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ بىر قىسىم زېمىنىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن <يۇنانلاشتۇرۇلغان> ئۈچ چوڭ دۆلەت (تولېمىي، مىسىر، ماكېدونىيە ۋە سېليوس) ئىچىدە زېمىنى ئەڭ كەڭرى بولۇپ قالغان. ئورۇنت دەريا ۋادىسىدىكى ئانتىئوكىيە پايتەخت قىلىنغان. دۆلەت تۇپرىقى بەك كەڭ بولۇپ باشقۇرالماي قالغان، ئاھالە تەركىنى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان. مىلادىدىن 293 يىل ئىلگىرى ئوغلى ئانتىيوكىغا <شاھ> دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا بىرقىسىم رايوننى بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە <يۇنانلاشتۇرۇلغان> باشقا دۆلەتلەر بىلەن خوجىلىق تالاشقان. ئاسىيانىڭ ھەرقايسىجايلىرىدا مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، گرېكلەر ۋە ماكېدونىيىلىكلەرنى كۆچۈرۈپ، شەھەر سودا - سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ گرېتسىينىڭ تىل - مەدەنىيىتىمۇ شەرققە تارقىلىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىغا تۈرتكە بولغان. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى، كورۇپېدىئون (كىچىك ئاسىيا)دا لەيسىماكوسنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن، ماكېدونىيىگە قارشى يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، مۇھاپىزەتچى كىراۋنۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن
Rate this entry
← Search