Uyghur→ChineseMain Dictionary
كابىللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
卡比尔人
kǎ bǐ ěr rén
كابىللار ئالجىرىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار پۈتۈنلەي ئالجىرىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 400 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 3.13 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار مەملىكەت بويىچە ئالجىرلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كابىللار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمسى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كابىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق.
كابىللار ئاھالىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىسمائىلىيە ۋە سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كابىللارنىڭ كۆپىنچسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى كارۋانچىلىق قىلىدۇ.
كابىللارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندىن تارتىپ دژورژور بىلەن بابور دېڭىزى ياقىسىدىكى تاغلىق رايوندا ياشاپ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
كابىللار ئوغۇل - قىزلىرىنى سۈننەت قىلدۇرىدۇ، يېزا - كەنتلەر بويىچە ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. يېزا - كەنىتنىڭ چوڭ - چوڭ ئىشلىرىنى ئەرلەر كېڭەشمىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
كابىللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى <فىسكا> دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل تەقىيە بولۇپ، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىغ قالپاق كېيىۋالىدۇ، ئۇچىسىغا كەڭ كەلگەن، پېشى تىزىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئەرەب پاسونىدىكى يەكتەك كېيىۋالىدۇ. ئاياللىرى ئۇچىسىغا نەچچە قەۋەت قېنىق رەڭلىك كۆڭلەك كېيىپ، بېشىغا ياغلىق چېگىۋالىدۇ.
كابىللاردا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام شەرىئەت قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئاياللاردا نىكاھ ئەركىنلىكى بولمايدۇ.
كابىللار ئوچۇق چىراي ھەم مېھماندوسىت كېلىدۇ، مېھماننى چاي بىلەن كۈتىۋالىدۇ.
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
卡比尔人
kǎ bǐ ěr rén
ئۇنىۋېرسال
喀拜尔人
kā bài ěr rénDتارىخ
卡比尔人
kǎ bǐ ěr rén