UyghurMain Dictionary
ما بېنجەي
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا، خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن رايونلىرىدا، ياپونىيە قورچاق ئارمىيىسى ئاڭلىغان ھامان يۈرىكى جىغىلدايدىغان8 - ئارمىيىنىڭ دالىدا جەڭ قىلغۇچى تۇەنى − «خۇيزۇ خەلق قوشۇنى» بارلىققا كەلگەن. ياپونىيە قورچاق ئەسكەرلىرى: «كىم ۋاپاسىزلىق قىلسا، شۇ ئىشىكتىن چىقىشىغىلا خۇيزۇ خەلق قوشۇنىغا ئۇچرىشىپ قالغاي» دەپ قەسەم ئىچىشكەن، بۇ قەھرىمان قوشۇننىڭ قوماندانى ما بېنجەي ئىدى.
ما بېنجەي (1901 −1944 - يىللار)، خۇيزۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنشەن ناھىيىسىدە ئىدى. ئىلگىرى ئۇ تۇرمۇشى جاپالىق بولغاچقا، شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ كونا ئارمىيىسىگە قاتناشقان. «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ گومىنداڭنىڭ كۈن بويى ئىچكى ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئالدىراپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەمىلىنى تاشلاپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپون ئالۋاستىلىرى ئۇنىڭ يۇرتىغا كېلىپ ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ما بېنجەي يۇرتداشلىرىنى باشلاپ خۇيزۇ پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللىگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار8 - ئارمىيىگە قاتنىشىپ «خۇيزۇ خەلق قوشۇنى»غا ئۆزگەرتىلگەن، ما بېنجەي قوماندان بولغان.
ما بېنجەينىڭ رەھبەرلىكىدىكى خۇيزۇ خەلق قوشۇنى كۆپ جەڭلەردە غەلىبە قىلىپ، دۈشمەننىڭ يۈرىكىنى قېپىدىن چىقىرىۋەتكەن. ياپون ئالۋاستىلىرى كۆپ قېتىم «قورشاپ يوقىتىش» ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يوقىتالمىغان، دۈشمەنلەر ۋەتەن خائىنلىرى ئارقىلىق ما بېنجەينىڭ ئانىسىغا ۋاپادار ئىكەنلىكى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان موماينىڭ يۇرتداشلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن يەنىلا ئائىلىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.1941 - يىل8 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئەتىگەندە، ياپون ئالۋاستىلىرى ما بېنجەينىڭ يۇرتىنى قورشىۋېلىپ، كەنت ئاھالىسىنى مەسچىت ئالدىغا ھەيدەپ بېرىپ: ما بېنجەينىڭ ئانىسىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلار، ھەممىڭلار قايتىپ كېتىسىلەر، بولمىسا ...، دەپ پوپوزا قىلغان، ئەمما يۇرتداشلاردىن بىرىمۇ ئۈندىمىگەن. ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ئەترەت باشلىقى قىلىچىنى كۆتۈرگەندە، يۇرتداشلار كەنتنىڭ سىرتىغا يوشۇرۇپ قويغان ما موماي ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچنېمىگىمۇ پىسەنت قىلماستىن مەسچىت ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ: «قاراقچىلار، ما بېنجەينىڭ ئانىسى دېگەن مانا مەن!» دېگەن. ئالۋاستىلار ئۇنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوغلىنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشكە بۇيرۇغان. ما بېنجەينىڭ ئانىسى ما بېنجەي ۋە خۇيزۇ خەلق قوشۇنىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزىمەن دەپ دۈشمەننىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەتتە كۈن تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي، ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ما بېنجەي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلىنىپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ: «ئانامنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمەن» دەپ يېزىپ قەسەم بەرگەن.
ما بېنجەي قوماندانلىق قىلغان خۇيزۇ خەلق قوشۇنى يەتتە يىل ئىچىدە800 نەچچە قېتىم جەڭ قىلىپ، ياپونىيە قورچاق ئارمىيىسىنىڭ30 نەچچە مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە زەخىملەندۈرگەن. خۇيزۇ خەلق قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ2000 دىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن. ما بېنجەي ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، داۋاملىق پەم بىلەن جەڭ قىلغان.1943 - يىلى كۈزدە، ما بېنجەي ئاتلىق ئەسكەر چىقىرىپ قورچاق ئارمىيە2 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى سۈن لياڭچىڭنىڭ شتابى جايلاشقان باگۇڭچياۋنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. باگۇڭچياۋدىكى بۇ جەڭ ئارقىلىق، بىر كېچە ئىچىدىلا خېبېي - شەندۇڭ - خېنەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغان.1944
- يىلى1 - ئايدا، ما بېنجەينىڭ پېشانىسىگە بىر زەھەرلىك قاپارتقۇ چىقىپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان.2 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئۇ تامغا يۆلەنگەن، يوتىسىغا «ئۇرۇش خاتىرىسى»نى ئېسىۋالغان ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.