Uyghur→ChineseMain Dictionary
ھامىيلىق تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
保护制
bǎo hù zhì
(1) ھىماتلىق تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ بىر خىل جىسمانىي بېقىندىلىق تۈزۈمى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرلەردىكى <پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى> دە بارلىققا كەلگەن. ھامىيلىق قىلىنغۇچىلار بىلەن ھامىيلىق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتە، مىراسخورلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، بىر خىل پۈتۈم خاراكتېرىنى ئالغان. ئالدىنقىلىرى كۆپىنچە نامرات يوقسۇللار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى يوقلاپ بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئالدىغا پاناھلىنىپ كېلىپ، ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۇلارغا ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بەرگەن. كېيىنكىلىرى مال ۋە ھوقۇققا ئىگە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، ئالدىنقىلىرىغا قارىتا <ھامىيلىق قىلىش> (مەسىلەن، ئۇلارغا ۋەكالىتەن سوتقا قاتنىشىش) مەجبۇرىيىتى بولغان. بۇ ئەسلىدە ئىپتىدائىي جەمئىيەت يىمىرىلىش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن بىر خىل نىسپىي مۇناسىۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈم رىم جۇمھۇرىيىتى مەزگخلىدە ۋە ئىمپېرىيە تۈزۈمى مەزگىلىدە داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇلغان. قويۇپ بېرىلگەن قۇللاr بىلەن ئەسلىدىكى قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل مۇناسىۋەت دائىم دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. (2) ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دەھرىي ياكى چېركاۋ فېئوداللارنىڭ ئۇششاق فېئوداللارغا ياكى دېھقانلارغا قاراتقان بىر خىل <ھامىيلىق> تۈزۈمى. <ھامىيلىق قىلىنغۇچىلار> (<بېقىندىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئادەتتە يەر تەقسىم قىلىش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ۋە ئەمگەك مەجبۇرىيىتى ئۆتەش ياكى ھاشار ئورنىغا پۇل تۆلەش شەرتى ئاستىدا فېئودارللارنىڭ <ھامىيلىقى> غا ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە بېقىندى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. چوڭ فېئوداللارنىڭ ئۇششاق فېئوداللارغا قاراتقان <ھامىيلىقى> تەدرىجىي ھالدا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلاrنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىق ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ دېھقانلارغا قارىتىلغان <ھامىيلىق> بولسا، دېھقانلارنى يانچىلارغا ئايلاندۇرغان.