English→UyghurMain Dictionary
Xhosa
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كوسالار
كوسالار <ئاماكوسالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.99 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 5 مىليون 610 مىڭ، ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 12 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئاز بىر قىسمى بوتسىۋانادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
كوسالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. گىكالېكا، ئىنچىكا، ئىندلامبا، دۇشانې، كايى، ئىنتىدې قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
كوسالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى جەنۇبىي بانتۇ (نېگىر - كونگو) تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە كوسا تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار.
كوسا ئاھالىلىرى كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان پروتېستانىتزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كوسالارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىكى، ئىجتىمائي تۈزۈلمىسى، ئۆرپ - ئادەتلىرى زۇلۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
كوسالار نىگۇنلار (بانتۇنىگۇنلار) نىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولۇپ، بورلار (ئافرىقانلار) جەنۇبىي ئافرىقىنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇنلا جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. كوسالار قەيسەر مىللەت بولۇپ، Ⅺ[KG-*2]Ⅹ - Ⅹ[]KG-*2Ⅷ ئەسىرلەردە بورلارغا ۋە ئىنگىلىز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇرۇش تارىختا <كافىرلار ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان (چۈنكى بورلار كوسالارنى كەمسىتىپ <كافىرلار> دەپ ئاتىۋالغان)، جەنۇبىي ئافرىقا ئاقتەنلىكلەر ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىرقى زۇلىمى ئاستىدا كوسالارنىڭ زېمىنى نەچچە ئون پارچىغا بۆلۈۋېتېلىپ، ئۇلارنى ھوقۇقسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كوسالار ئۇزاق مۇددەت جەنۇبىي ئافرىقا ئاقتەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى 1994 - يىلى 5 - ئايدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلىپ، كوسالارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىندى.