UyghurMain Dictionary
نەي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نەي.
قومۇش:
دەفتەرى جانىم ئۆرتەدى شۇئلەئى جىلۋە سۇخەن،
ھەرفى زەبان نەغمە سەنج تىغى، نەي قەلەم ئىمىش.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆشۈكلىرىنى بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چالىدىغان مۇزىكا.
<يالغۇزەك> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
نەي - پادىچىنىڭ ھەمراھى. نەي نامراتنىڭ، بالمان ياينىڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قومۇش، نەي، قوراي؛ نەيشەكەر - شەكەر قومۇشى.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا سۆڭەكتىن ياسالغان (ئىككى - ئۈچ تۆشۈكلۈك). كېيىنچە قومۇشتىن ياسىلىدىغان بولدى، يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. بۇ ئۈستىدە 7 ~ 8 ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
ئەڭ قەدىمكى نەي ھايۋانلارنىڭ ياسالغان ئىككى ياكى ئۈچ تۆشۈكلۈك نەي بولۇپ، ئۇ تۈرك ۋە ھون چارۋىچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قورالى (مال ھەيدەيدىغان قامچىسىنىڭ دەستىسى) ۋە چالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇ، قومۇشتىن ياسىلىدىغان بولغان، ھازىر ئىشلىتىۋاتقانلىرىمىز بامبۇك ۋە مېتالدىن ياسالغان ئىككى خىل نەيدۇر. نەينىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەر خىل بولۇپ، سۆڭەكتىن ياسالغانلىرى 20 سانتىمېتىر، قومۇشتىن ياسالغانلىرى 40 - 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ.
ئۇ يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ (بەزىلىرى تىك تۇتۇلۇپ بىر ئۇچىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ)، ئۈستىدە كۆپلىگەن ئاۋاز تۆشۈكلىرى بولىدۇ. بارماقلار بىلەن ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى تولۇق ۋە يېرىم ئېتىش ئارقىلىق خىلمۇ خىل پۈتۈن ۋە يېرىم ئاھاڭلارنى چېلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاۋاز يۇقىرى، جاراڭلىق، ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئاۋاز تۈسى مۇڭلۇق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە يالغۇز ئورۇندىلىدۇ. مۇزىكا ئوركېستىرىدىمۇ شوخ، تېتىك بولغان يۇقىرى ئاۋاز قىسىملىرىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ئادەتتىكى نەينىڭ سەككىز دانە تۆشۈكى بولىدۇ.
ھازىر شىنجاڭ جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر (420 - 581 - يىللىرى) دەۋرىدىكى ئۈچ تۆشۈكلۈك بىر دانە سۆڭەك نەي ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ توققۇز ساراي دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان نەي بولۇپ، ئۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ چالغۇسىدۇر.
چالغۇلار
نەي ئېلىمىزنىڭ بىر خىل قەدىمىي تۇرۇبىلىق چالغۇسى، ئۇ ناھايىتىمۇ كەڭ تارقالغان. خەن ۋۇدى زامانىسىدا جاڭ چيەن غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە بېرىپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەكەلگەن »توغرىسىغا پۈۋلەپ« چېلىنىدىغان چالغۇ نەينىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدۇر. جۇڭگونىڭ نېيى بامبۇكتىن ياسالغاچقا «بامبۇك نەي» مۇ دېيىلىدۇ. چەت ئەللەردە بەزىلەر ئۇنى «خاسىيەتلىك نەي»، «شاياتۇن نېيى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
نەينىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغىنى چۈدى (بىر خىل نەي − ت) بىلەن جاڭدى (بىر خىل نەي − ت). چۈدى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كۆپ تارقالغان. ئۇ تومراق كېلىدۇ، مونجاما بوشراق چاپلىنىدۇ، ئاۋازى تۆۋەن، ئاۋاز تۈسى تولۇق، سۈزۈك كېلىدۇ. بۇ خىل نەي ئادەتتە كۈنچۈي تىياتىر ناخشىلىرىغا تەڭكەش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باڭدى شىمالغا تارقالغان. ئۇ كۆپ ھاللاردا باڭدى تىياتىرلىرىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ »باڭدى« دەپ ئاتىلىدۇ. باڭدى چۈدىدىن قىسقا كېلىدۇ، ئاۋازى چۈدىدىن تۆت گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ، يارقىن، ياڭراق سادا چىقىرىدۇ. »قامچا ئوينىتىپ، ئاتنى ھەيدەپ ئاشلىق توشۇش« ناملىق مەشھۇر مۇزىكا باڭدى بىلەن ئورۇندالغان.
يېقىنقى40 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن نەي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق كۆپلىگەن يېڭى نەي تۈرلىرى سىناق قىلىنىپ ياسالدى. ئالايلۇق، يۈسۇنفا ئىجاد قىلغان نەينىڭ ئاۋازى چىڭ بولۇپ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى دوراشقا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن »تورغاي«، »تاڭدىكى قۇش ناۋاسى« ناملىق مۇزىكىلار ئورۇندالسا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جاۋ سۇڭتىڭ چۈدى، باڭدى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازلىق نەينى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش كۈچىگە باي بولغان بىر خىل يۈرۈشلۈك نەي ياساپ چىقتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، سەككىز تۆشۈكلۈك نەي، توققۇز تۆشۈك ئېچىلىپ توپچا ئورنىتىلغان نەي قاتارلىقلارمۇ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<مۇز> توغرىسىغا تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ ئەسۋابى. قۇمۇشتىن ياسىلىدۇ. ئۈستىدە پۈۋلەش تۆشۈكى ۋە بىر رەت ئاۋاز تەڭشەش تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. چالغاندا، ئېغىز پۈۋلەش تۆشۈكىدىن ئېچىپ - يېپىش ئارقىلىق ئاھاڭنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.
ئىچى كاۋاك ھەم ئۇزۇن كەلگەن تۇرۇبا شەكىللىك نەرسە؛ نەيچە.
ئەينەك نەي. نەيدە ئوت پۈۋلىمەك.