UyghurMain Dictionary
ئولىۋارېس
دۇنيا تارىخى
(1587 - 1645) ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ يېقىن كىشىسى، باش ۋەزىرى (1621 - 1643). ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، يەرلىك ئايرىمىچىلىق خاھىشىنى باستۇرغان، يېڭى باجلارنى كۆپەيتكەن؛ سىرتقا قارىتا 1621 - يىلى گوللاندىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى يېڭىۋاشتىن قوزغىغان (<ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى> گە قاراڭ)، 1622 - يىلى 30 يىللىق ئۇرۇشقا چېتىلىپ، ئىسپانىيىنى ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە يەنىمۇ زاۋاللىققا ئېلىپ بارغان. 1640 - يىلى كاتالونىدا قوزغىلاڭ پارتىلغان؛ شۇ يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1643 - يىلى خانىكە ئېسابىلا باشچىلىقىدىكى ئوردا گۇرۇھى فىلىپ Ⅳ نى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبور قىلغان ھەمدە ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغۇزغان.