UyghurMain Dictionary
فالايسې جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىلىرىنىڭ فرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇم خاراكتىرلىك جېڭى. 1944 - يىلى نورماندىيە قۇرۇقلۇقىغا چىقىش جېڭى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئۇرۇشنىڭ پايدىلىق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز قوشۇنلىرنىڭ تەلتۆكۈس يىغىلىپ بولۇشىنى كۈتمەيلا، يەنى 8 - ئاينىڭ 10 - 25 - كۈنلىرى فرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى فالايىسې، مولتان ۋەئارگېنتان قاتارلىق جايلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە بولغان ھۇجۇمنى قانات يايدۇرۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى لوئىرې دەرياسى ۋە سېنا دەرياسى قىرغاقلىرىغىچە چىكىندۈرمەكچى بولغان. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ھۇجۇم باشلىغان، 13 - كۈنى ئارگېنتانغىچە يېتىپ بارغان. 17 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى فالايىسېنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى كۈنى گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ بۇ رايوندىكى سەككىز دىۋىزىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. 20 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، لېكىن كۆپ قىسمى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، قالغان قىسملىرى چېكىنىپ سېنا دەرياسىدىن ئۆتكەن. 25 - كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە سېنا دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كىرىپ، دەريانىڭ سول قىرغىقىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىشقا بولىدىغان بەزى مۇھىم جايلارنى ئىشغال قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئىتتىپاقداش ئارمىيسىنىڭ گېرمانىيەگە قارىتا يېڭى ھۇجۇم قوزغىشىغا پايدىلىق بولغان.