Chinese→UyghurMain Dictionary
寄生虫学
مائارىپ
jì shēng chóng xué
پارازىتولوگىيەDئۇنىۋېرسال
jì shēng chóng xué
پارازىتولوگىيە
بىئولوگىيە
پارازىتولوگىيە
زوئولوگىيىنىڭ بىر تارماق پېنى. ئۇ ئادەم ياكى ھايۋانلار (ئۆي ھايۋانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تەن ئىچى ياكى تەن يۈزىدە پارازىت ياشايدىغان پارازىت قۇرتلار (ئىپتىدائىي قۇرت، مەددە قۇرت، سالجا، كۆكپىت، ھاشارات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنى قوزغاتقۇچىلار (ۋىرۇس، رېككىتسىييىلەر، سىپىروخېتا، باكتېرىيە، ئىپتىدائىي قۇرت ۋە مەددە قۇرت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تۈرى، مورفولوگىيىسى، ھايات تارىخى، ئېكولوگىيىسى، زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، پارازىت قۇرت بىلەن پارازىت ئىگىسى (پارازىت قۇرت پارازىت ياشايدىغان جانلىق) نىڭ مۇناسىۋىتىنى، پارازىت قۇرتنىڭ كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مېخانىزمى ۋە تارقىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پارازىت قۇرتلار ھەمدە كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنى مەزگىل بويىچە يوقىتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق تارماقلىرىدىن ئادەم تېنى پارازىتولوگىيىسى (مېدىتسىنا پارازىتولوگىيىسى ياكى كلىنىكا پارازىتولوگىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە مال دوختۇرلۇق پارازىتولوەىيىسى بار.