English→UyghurMain Dictionary
Africancs
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئافرىقانلار
ئافرىقانلار جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <بورلار> ياكى <گوللاندلار نەسلىدىن بولغان ئافرىقانلار> دەپمۇ ئاتىلدۇ. ئاھالىسىنىڭ 96 پىرسەنتى (2 مىليون 600 مىڭ) جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى نامبىيە، زىمبابۋې، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئافرىقانلار جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاق تەنلىكلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 57 پىرسەنتىنى، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئافرىقانلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە جەنۇبىي ئافرىقا گوللاند تىلىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل دىئالېكتى - ئافرىقان دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنىڭ يېزىقى بار.
ئافرىقانلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بورلار تارىختا ئاساسەن يېزىلاردا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى (تەخمىنەن 90 پىرسەنتى) شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ، سودا - سانائەت ۋە پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئافرىقانلار گوللاند كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار جەنۇبىي ئافرىقىدا 1848 - يىلى ۋە 1852 - يىللىرى ئورانجى ۋە تىرانسىۋالدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلكىسىگە بىرلەشتۈرۈۋالغان. 1910 - يىلى ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، 1961 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر ئافرىقانلار ئىنگىلىز نەسلىدىن بولغان ئافرىقانلار جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئىنگىلىز نەسلىدىن بولغان ئافرىقانلار بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ئافرىقىدا نېگىرلارغا قارىتا ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، نېگىرلارنى كەمسىتىپ كەلگەن.
ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى غەربلەشتۈرۈلگەن