Uyghur→ChineseMain Dictionary
بوتلېروۋ
دۇنيا تارىخى
丰特列罗夫
fēng tè liè luó fū
(1828 - 1886) رۇس خىمىكى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئۆزىدە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1857-يىلى پروفېسسور، 1860-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولغان.1868-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ تۈزۈلۈش نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، نەچچە ئونلىغان يېڭى ماددا ۋە يېڭى رېئاكسىيىلەرنى بايقىغان. ئېتانون، ئېتىلېن ئۈچلەمچى بۇتانول، ئىزوبۇتىلېن، ئۇرۇتروپىنلارنى بىرىكتۈرۈپ چىققان ھەمدە ئىزوبۇتىلېننىڭ پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىنى بايقىغان. بۇتلېروۋنىڭ نەزەرىيە ۋە سىنتېز خىمىيىسىدىىكى ئۇتۇقلىرى ئورگانىك خىمىيە تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇنىڭ <ئورگانىك خىمىيە ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە>، <يېقىنقى 40 يىللىق خىمىيە تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار