Chinese→UyghurMain Dictionary
斯特莱斯曼
دۇنيا تارىخى
سترېسېمان
(1878 - 1929) گېرمانىيە زۇڭلىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى. سودىگەردىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدىلا سىياسىي ساھەگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1923 - يىلى 8، 11 - ئايلاردا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ تەشكىل قىلىنغان ئىچكى كابېنتنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ، فرانسىيە - بېلگىيىلەرنىڭ لۇر رايونىنى ئىشغال قىلىشىغا بولغان پاسسىپ قارشىلىقنىتوختاتقان؛ ساكسېن، تيۈرىگېر ئىشچىلار ھۆكۈمىتىنى ۋە ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە (1923 - 1929)، غالىب دۆلەتلەر بىلەن يارىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، <داۋېس پىلانى>نى قوبۇل قىلغان، <لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى>نى ئىمزالىغان ھەمدە گېرمانىيىنى دائىمىي ھەيئەت دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرگۈزگەن.