UyghurMain Dictionary
مەدرىسە پەلسەپىسى
دۇنيا تارىخى
لاتىنچە Schola دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ <مەكتەپ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە غەربىي ياۋروپادىكى كاتولىك دىنى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مىلادى Ⅸ ئەسىردە كاتولىك دىنى شۆيۈەن (مەدرىسە) لىرىدە پەيدا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 13 -ئەسىرگە كەلگەندە تازا روناق تېپىپ، 14 - ئەسىرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مەدرىسە پەلسەپىسى ئەقىل ئېتىقادقا بويسۇنۇش، پەلسەپە <ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى دەلىللەش ۋە ئۇنى سىستېمىلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق چېركاۋ ۋە فېئوداللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي تېمىلىرى <ئىنجىل> دىن ئېلىنغان. مەسىلەن: <ئىنسانلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان چاغدا ئېگىزلىكى قانچىلىك ئىدى؟>، <پەرىشتىلە ئۇخلامۇد - يوق؟> دېگەنگە ئوخشاش. دەلىللەشتە <ئىنجىل>، پوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك قەدىمكى يۇنانا پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئارستوتېلنىڭ بۇرمىلانغان ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان. دەلىللەش ئۇسۇلىدا فورمال لوگىكىدىكى چاكىنا يەكۈن چىقىرىش قوللىنىلغان. شۇڭا مەدرىسە پەلسەپىسى چاكىنا پەلسەپە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅺ ئەسىردە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نومىنالىزم بىلەن رېئالىزم ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولغان. ئاساسلىق ۋەكىللىرى ئانسېلم، توماس ئاكۇنىسكىيى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.