UyghurMain Dictionary
تۆمۈر قوراللار دەۋرى
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
تۆمۈر قوراللار دەۋرى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋر.ئادەملەر ئەڭ بالدۇر بىلگەن تۆمۈر مېتېئورىتتىكى تۆمۈر بولۇپ، قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۇنى مۇقەددەس نەرسە دەپ ئاتىغان. ئادەملەر بۇ تەبىئىي تۆمۈردىن پىچاق تىغى ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنى ياسىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۆمۈردىن پايدىلىنىشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئەھۋال. يەر شارىدا تەبىئىي تۆمۈر ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۆمۈر تاۋلاش ۋە تۆمۈر قوراللارنى ياساش ناھايىتى ئۇزاق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. كىشىلەر برونزا تاۋلاش ئاساسىدا تەدرىجىي تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن تۆمۈر قوراللار دەۋرى يېتىپ كەلگەن.
كىچىك ئاسىيادىكى خىدلىقلار مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1400 - يىللىرى تۆمۈر قوراللارنى ياسىغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيا بويىچە تۆمۈر قوراللارنى ئەڭ بالدۇر ياسىغانلار ھېسابلىنىدۇ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1000 - يىللىرى قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى رىمدا تۆمۈردىن ياسالغان قوراللار ۋە ھەربى قورال - ياراغلار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى500 - يىللىرى ئەتراپىدا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۆمۈر قوراللار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. جۇڭگودا ئەڭ بالدۇرقى تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى يازما خاتىرىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، جىن دۆلىتىدە تۆمۈر داڭقان قۇيۇلغان. ئەمىنىيە دەۋرىگە كەلگەندە، تۆمۈر قوراللار جۇڭگونىڭ دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.
تۆمۈر قوراللار قاتتىق، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى، ئۆتكۈر بولۇپ، تاش ۋە برونزا قوراللاردىن ياخشى. تۆمۈر قوراللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ قورال ياساش ئىشلىرىنى يېپيېڭى ساھەگە باشلاپ كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىسىدا، دۇنيادىكى بەزى مىللەتلەر ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تەرەققىي قىلىپ قۇللۇق جەمئىيەتكە ئۆتكەن، بەزى مىللەتلەر قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان.
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىدە برونزا دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئايرىم جايلاردا مېتېئورىت تۆمۈر ياكى يۇمشاق تۆمۈر بىلەن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە قىلىچ، خەنجەر ياسالغان، لېكىن ئۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلمىغان. ئۇ چاغدا كىشىلەر تۆمۈر تاۋلاپ ۋە تۆمۈر قوراللارنى ياساپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلالايدىغان بولغان. تۆمۈر كانلىرىنىڭ كەڭرى بولۇشى، تۆمۈرنىڭ قاتتىقلىغى ۋە چىداملىقى يۇقىرىراق، ئىستېمالچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆمۈر قورالنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاخىرقى ھېسابتا تاش قورالنى بىكار قىلغان ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن تۆمۈر قورال ياسىغىنى خىتت پادىشاھلىقى، ئۇ دەۋر تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ، بەزى جايلاردا تۆمۈر قورال دەۋرى بولمىغان.