UyghurMain Dictionary
سوپىلىق ئەقىدىلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىرىدكى سوپىزملىق مەشھۇر ئەسەر بولۇپ، بۇنى ئەبۇ بەكرى كەلا بازى Ⅹ ئەسىردە يازغان. ئەسەر جەمئىي 75 باب: (1) سوپىلىق تەلىماتى ۋە تارىختا ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالار؛ (2) سوپىلىق ئەقىدىلىرىنىڭ بايانى (تەسەۋۋۇپچىلار ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەقىدە، دىنىي قائىدە، تەلىماتلار)؛ (3) سوپىلىق ئەمەللىرى توغرىسىدا بايان (سوپىلارنىڭ مەنىۋى ئىستىقامەت جەريانى، ئۇسۇلى، تەلىپى)؛ (4) سوپىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان تىلى ۋە ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كېتىش مەنزىلى؛ (5) سوپىلىق مىستىتسىزمىنىڭ ھەرخىل ئىپادىلىرىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى مەزمۇنغا چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سوپىلىق ئەقىدىسى ۋە ئەمەللىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمى خېلى تەپسىلىي يېزىلغان. كىتابتا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئاساسىي ئېتىقادى، جۈملىدىن كىتابتىكى ۋەھىيلەرگە ئىمان ئېيتىش، ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتىش، تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش، ئاللانى كۆرۈشكە ئىمان ئېيتىش، سوپا ئەۋلىيالارنىڭ مۆجىزە يارىتالايدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش قاتارلىقلار تۈرلەرگە ئايرىپ بايان قىلىنىپ، مۇئەللىپنىڭ پەرز، ۋاجىب، ۋەدە، مەجبۇرلاش، مەنپەئەت، ئېتىقاد قاتارلىق قاراشلىرى ئىزھار قىلىنغان. كىتابتا تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالارنىڭ ئىبادەت داۋامىدىكى ھەرخىل ھېسسىياتلىرى ۋە روھىي ھالىتى، مەسىلەن، تۆۋە - ئىستىغپار ئېيتىش، مىننەتدار بولۇش، ئىشىنىش، شۈكرى قىلىش، ئەسلەش، يېقىن بولۇش، ياخشى كۆرۈش، بىرلىشىپ كېتىش، ئايرىلىش، ئېزىش، مەپتۇن بولۇش، يوقىلىش، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇش قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن. كىتابتا تەسەۋۋۇپ ئېتىقادى بىلەن <ئەنئەنىۋى> ئېتىقادىنىڭ بىردەكلىكى ئاساس قىلىنىپ، ئەھلى شەرىئەتنىڭ قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. ئەبۇ بەكرى كەلا بازى شۇنىڭ بىلەن داڭق چىقارغان. بۇ كىتابنى ئاربېردې ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1935 - يىلى نەشر قىلغان.