Uyghur→ChineseMain Dictionary
يەر بېرىش قانۇنى
دۇنيا تارىخى
斑田收授法
bān tián shōu shòu fǎ
ياپونىيىدە Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يولغا قويۇلغان يەر تۈزۈمى. <ياپونىيە خاتىرىلىرى> گە قارىغاندا، مىلادى 416 - يىلى (تايكا ئىككىنچى يىلى) ئىسلاھات يارلىقى ئېلان قىلىنىپ، يەر تاپشۇرۇش قانۇنى ۋە ئىجارە، سېلىق، ھاشار تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ھۆكۈمەت ھەر يىلدا بىر قېتىم نوپۇس دەپتىرى تۈزۈپ، ئالتە ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرگە ئىككى پارچە جان بېشى ئېتىزى بەرگەن، ئاياللارغا ئەرلەرگە بېرىلگەن يەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغىچە يەر بەرگەن، خۇسۇسىي قۇل - دېدەكلەرگە ئەر - ئاياللارغا بېرىلىدىغان يەرنىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر يەر ئۆي ئىگىسىگە بېرىلگەن. جان بېشى ئېتىزىنى ئۆمۈرۋايەت ئىشلىتىشكە بولغان، ئۆلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىنغان، ئۆي - جاي، باغ - ۋاران يەرلىرى ئائىلە بويىچە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۆي - جاي يېرىنى مىراس قالدۇرۇشقا، ئېلىپ - سېتىشقا رۇخسەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق ئەمگەك كۈچلىرى تېرىلغۇ يەرگە بەند قىلىپ قويۇلغان. يەر تۈزۈمى ئاساسىدا، جان بېشى ئېتىزىنىڭ ھەربىر پارچىسى ئۈچۈن ئىككى سىقىم، ئىككى تۇتام شال (تەخمىنەن شۇ چاغدىكى مەھسۇلاتنىڭ 3 پىرسەنتى) تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن. بۇ ئىجارە ھەققى قىلىنىپ، يەرلىك مالىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن؛ بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر سېلىق ھېسابىدا شايى ياكى يىپەك، مەشۇت، رەخت تاپشۇرغان؛ ھاشار ئۈچۈن ھەر يىلى ئون كۈن ئىشلىگەن (ئۇنىڭ ئورنىغا رەتىت بەرسىمۇ بولغان)، سېلىق ۋە ھاشار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن؛ تۈرلۈك ھاشارلار 60 كۈندىن تۆۋەن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ يولغا قويۇلغان يىلى توغرىسىدا، ياپونىيە تارىخچىلىرى ئىچىدە تالاش - تارتىش بار. بەزىلەر <ياپونىيە خاتىرىلىرى> گە ئاساسەن، 652 - يىلى (بەيجژنىڭ بىرىنچى يىلى) پۈتۈنلەي يولغا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر ئۇنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىلىرى 701 - يىلى (داباۋنىڭ بىرىنچى يىلى) تۈزۈلگەن <داباۋ پەرمانلىرى> دىن ئېلىنغان دەپ، تايكا ئىسلاھات يارلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ سۇي، تاڭ دەۋرىدىكى يەرنى ەڭ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىنغانلىقى ئېنىق. لېكىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە يەر شارائىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. كېيىن يەر يېتىشمىگەنلىكتىن، يەر ئىشلىتىش يىل چېكى ئۇزارتىلغان، شۇنىڭدەك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن، 723 - يىلى (يورونىڭ 7 - يىلى) <ئۈچ ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى> جاكارلانغان، 743 - يىلى (تيەنپىڭنىڭ 15 - يىلى) <ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىينىڭ مۈلكى بولۇش قانۇنى> جاكارلانغان، شۇنىڭ بىلەن خۇسۇسىيلار ئىگىلىگەن يەرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. 902 - يىلى (يەنشىنىڭ 2 - يىلى) يەر بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ تۈزۈم تەدرىجىي بەربات بولغان.
قانۇنشۇناسلىق
授与土地法
shòu yǔ tǔ dì fǎ