Chinese→UyghurMain Dictionary
柏韩赞
دۇنيا تارىخى
بېھانزىن
(1844 - 1906) داھۇمىيە (ھازىرقى بېنن) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1889 - 1893). فرانسىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1889-يىلى پادىشاھ بولغان. 1890-يىلى قوشۇن باشلاپ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. 10-ئايدا ۋىتو سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ، فرانسىيىنىڭ پورتونۇدىكى ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كوتونۇنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1892-يىلى ئۇرۇش قايتا پارتلاپ، پايتەخت ئاپومىې شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1893-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى فرانسىيىگە تەسلىم بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىۋالغان. 1894-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ مارتىنىڭ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ئالجىىريىدە ئۆلگەن.