UyghurMain Dictionary
موگۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىشكە بولىدىغان ياۋا سەي.
«موگۇ» خەنزۇچە: 蘑菇
«زەمبۇرۇغ» ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە ئاتىلىشى.
«ئاخۇنباش» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قوزىقارنىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، ئۇنىڭ تەركىبىدە 30 خىلدىن ئارتۇق ھورمۇن بولغاچقا، ئۇ ھورمۇن يېتىشمەسلىكتىن بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ھۆل قوزىقارنىنىڭ 100 گرامىدىن 23 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يېمەكلىك قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىشىدا موگۇنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغان كۆلىمى ۋە مەھسۇلاتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا مول ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «ئاقسىللىق كۆكتات» دەپ ئاتىشىدۇ. دائىم موگۇ ئىستېمال قىلغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ، ۋىرۇس ۋە راك ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا مۇئەييەن قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
موگۇنىڭ شەكلى ئۆسۈملۈككە ئوخشاپراق كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل چىرىندى زەمبۇرۇغ بولۇپ، باشقا يېمەكلىك قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغلارغا ئوخشاش تېنىدە خلوروفىل بولمايدۇ، فوتوسىنتېز رولىنى ئوينىيالمايدۇ، ئوزۇقلۇق خۇرۇچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تايىنىپ ھاياتىنى قامدايدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلۇق خۇرۇچىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى موگۇنىڭ مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
موگۇ ھاياتىدا سپورا بىخلانغاندىن ئېتىبارەن ھايات مۇساپىسىنى باشلايدۇ، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە ئوزۇقلۇق شارائىتىدا زەمبۇرۇغ يىپلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، سانسىزلىغان ئىنچىكە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى بىر يەرگە توپلىشىپ، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تېنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. موگۇنىڭ سپورىسى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تېنى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقىغا ئوخشاش ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تېنى مۇۋاپىق شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، موگۇ غۇنچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى بىر دانە ئاق تۈگمىگە ئوخشايدۇ. موگۇ غۇنچىسى تەدرىجىي يوغىناپ، ئاق رەڭلىك كۈنلۈككە ئايلىنىدۇ، مانا بۇ خالتىلىق سپورا تېنى. موگۇنىڭ خالتىلىق سپورا تېنى ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىگە باراۋەر بولۇپ، يېتىلگەندىن كېيىن، سپورا ھاسىل قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، بۇ ھەم ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى.
موگۇ ئۆستۈرۈشتە ئاساسلىقى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ غولى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلار ۋە ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قىغ - ماياقلىرى ئوزۇقلۇق خۇرۇچى قىلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن مىقداردا مىنېرال ماددا ئېلېمېنتلىرى قوشۇلىدۇ. ئوزۇقلۇق خۇرۇچى ئالدى بىلەن ئۆي سىرتىدا دۆۋىلەپ ئېچىتىلىپ، ئاندىن موگۇ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆيگە يۆتكەپ كېلىپ، تېمپېراتۇرا ۋە ھاۋا ئالمىشىش سۈنئىي كونترول قىلىنغان شارائىتتا ئىككىنچى قېتىم ئېچىتىلىدۇ. ئوزۇقلۇق خۇرۇچى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئېچىتىلغاندىن كېيىن تېرىشقا بولىدۇ. تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋالغىچە بولغان ئارىلىققا35 −40 كۈن كېتىدۇ، ئۇدا بەش قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ھەر كۋادرات مېتىردىن10 −20 كىلوگرام مەھسۇلات چىقىدۇ.