Uyghur→ChineseMain Dictionary
ئىبنى ھاتەم
دۇنيا تارىخى
伊本.海赛姆
yī běn .hǎi sài mǔ
(965 - 1039) ياۋروپالىقلار ئالھازېن دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب ئاسترونومى، ئوپتىكىشۇناسى، ماتېماتىكى ۋە پەيلاسوپى. بەسرەدە تۇغۇلغان. ئۇ يۇرتىدا ئەمەلدار بولغان، كېيىن مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ، فاتىمە خاندانلىقى خەلىپىسىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن نىل دەرياسىنى تىزگىنلەپ باققان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. تىرىشىپ كۆپ تەرەپلىمە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ فىزىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە ۋە تىبابەتچىلىك توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى 100 خىلدىن كەم ئەمەس. <ئوپتىكا> دېگەن ئەسىرى ئەڭ مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ئوپتىكا ھادىسىلىرىنى شەرھلەپ ئېۋكلىد ۋە پتولېمېينىڭ كەڭ تارقالغان كۆرۈش سەزگۈسى نەزەرىيىسىگە ئوخشىمايدىغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب لاتىنچە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا ئوپتىكا ئىلمىدە كلاسسىك ئەسەر بولۇپ قالغان. ئۇ يەن ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش - پەلسەپىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەقسىتى بولۇشى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.