UyghurMain Dictionary
بايا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز بولۇۋاتقان چاغدىن سەل بۇرۇن.
«ساي» ، «ساي تىن» خوتەن دىئاكېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
بايا كەلسەم، يوق ئىكەنسىز. باياتىن بولغان سۆز - چۆچەك ھەممىنى ئەندىشىگە سالدى. بايام ھەبىبە كەپكەتتى. بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق. ساي تۇرۇپ تۇرسىلا. ھازىر چىقىمەن. ساياتىن بۇ يەردە جىق ئادەم تۇراتتى. تىمىن كەلدىم _ بايا كەلدىم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئالدى بىلەن، دەسلەپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
جان ت. سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن؛ ھېلىراق.
ھېكمەت بايا مۇدىردىن روزىمەتنىڭ ناھىيىلىك ساقچىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدى.