UyghurMain Dictionary
شا شەنيۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1879 - 1968) جۇڭگودىكى ئۆلىما، جياڭسۇ نەنجىڭلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە شاڭخەيگە كۆچۈپ كېتىپ، شاڭخەيدە ئوقۇدى. كېيىن جىڭدەن مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى ئوقۇدى. شىنخەي ئىنقىلابى ھارپىسىدا شاڭخەيدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئويۇشمىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پۇل باسىدىغان ماشىنىلىرىنى تارتىۋالدى. 1912 - يىلى جىنەنگە بېرىپ شەندۇڭ ئالىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، مۇۋەققەت مەكتەپ مۇدىرى بولدى. 1419 - يىلى شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپ ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەينى يىللاردا شاڭخەي مەسچىتلەر مۇدىرىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغانىدى. 1925 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەت ژۇرنىلىنى چىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. خۇيزۇلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، خالىس مۇدىر بولدى ھەمدە <قۇرئان كەرىم> نى كلاسسىك خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. بۇ تەرجىمىنى 20 يىلدا پۈتكۈزدى. 1954 - يىلى شاڭخەي تارىخىي ماتېرىياللار سارىيىنىڭ ئەزاسى بولدى. لۇۋەن رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەيئىتى بولدى. شاڭخەيدە ئالەمدىن ئۆتتى.