UyghurMain Dictionary
ئانىلىق
بىئولوگىيە
گۈلنى تۈزگۈچى قىسىملارنىڭ بىرى. ئۇ تۆرەلمە تۈگۈن ۋە تۆرەلمە خالتا ھاسىل قىلىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماقتىن تۈزۈلىدۇ. گۈلنىڭ مەركىزىگە جايلىشىدۇ. بىر گۈلدىكى ئانىلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئانىلىق توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئانىلىقنى تۈزىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق (چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق) ئانىلىق ياپراقچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر گۈلدىكى ئانىلىق پەقەت بىر تال ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن بولسا يالغۇز ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، كۆپ پۇرچاق)؛ ئىككىدىن كۆپ ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن بولسا مۇرەككەپ ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئانىلىق ياپراقچىلىرى ئۆز ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغىنى ئايرىلىپ ئۆسكەن ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، ئېيىقتاپان، يالىڭاچ ماگنولىيە، بۆلجۈرگەن)؛ ئانىلىق ياپراقچىلىرى بىرلىشىپ ئۆسكىنى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، قىچا، كېۋەز، كۈنجۈت). ئانىلىق ئانىلىق ئاغزى، ئانىلىق بوينى ۋە ئۇرۇقداندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئانىلىق ئاغزى ئانىلىقنىڭ ئۇچىغا جايلىشىدۇ، ئۇ گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە بىخلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئانىلىق بوينى ئانىلىق ئاغزى بىلەن ئۇرۇقدان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بولۇپ، ئانىلىق ئاغزىنى تىرەپ تۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق توشۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئانىلىق ئاغزى ئۆزى خالايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئۇرۇقدانغا كىرىدىغان يول بىلەن تەمىنلەيدۇ، خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى توسۇپ قالىدۇ. ئۇرۇقدان ئانىلىقىنىڭ تۈۋىدىكى چوڭ خالتىسىمان قىسىم بولۇپ، ئىچىدە تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقدان يېتىلىپ مېۋىگە، تۆرەلمە تۈگۈنى يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئانىسى بار، ئانىسى ھايات.
ئاتىلىقلار ئاتام دېسە قۇيۇلدى ياشىم. ئانىلىقلار ئانام دېسە، ئېگىلدى باشىم.
ئانىغا خاس، ئانىغا ئالاقىدار.
ئانىلىق مۇھەببەت. ئانىلىق مېھىر
<بوت> ئانا تەرەپ بىلەن قانداشلىق ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولغان.
ئانىلىق تۈپ. ئانىلىق تەن. ئانىلىق گۈل.