—Reference
شىنجاڭ ئەدلىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شوربۇلاق كوچىسى 143 - نومۇردا قۇرۇلغان.
شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇنتىزم ئەدلىيە كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك قانۇن تېخنىكوم مەكتىپى بولۇپ، ئاپتونوم
رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىگە قارايدۇ. ئۇدا تۆت يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئوقۇتۇش ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا
ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يېرىم ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 27257 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى
12358 كۋادرات مېتىر، 10 دىن ئارتۇق كەسپىي ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەدلىيە كەسپىدىن
دىپلوم ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە بۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. <ئۈچنى
بىلىدىغان، ئۈچنى قىلالايدىغان ئۈچ خىل ئىقتىدارلىق>، <3.3> تىپلىق خادىملار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى چەت ئەل تىلى، ئىقتىساد،
باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېردىكى خادىملار. چەت تىلىنى ئىشلىتەلەيدىغان، كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان، ئاممىۋى
مۇناسىۋەت قىلالايدىغان ماسلىشىشچان خادىملار، سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، دېلو بېجىرەلەيدىغان ئەمەلىيەتچىل خادىملاردىن بولۇشنى تەلەپ
قىلىدۇ. مەكتەپتە ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلىمى ۋە شىنجاڭ ئەدلىيە نازارىتى تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ تەقلىدى
ئوقۇتۇش، دېلو ئوقۇتۇشى، ئوقۇتۇش بىلەن ئىمتىھاننى ئايرىش، ئوقۇش نومۇر تۈزۈمى قاتارلىق ئىلغار، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ئەندىزىلەرنى يولغا قويغان
ھەمدە مەكتەپتىكى 30 نەپەر كەسپىي ئادۋوكاتتىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ شىنچېڭخې ئىش بېجىرىش ئورنى ھەم خۇڭچاۋ ماركسىزم - لېنىنىزم
ئۆگىنىش تەتقىقات ئورنى، ئەدلىيە نۇرى ئۆگىنىش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى مۇستەقىل باشقۇرىدىغان ئىجتىمائىي
ئۆمەكلەردىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي ئالماشتۇرۇش، تەقلىدىي سوت ئېچىش قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي پائالىيەتنى ئېلىپ بارىدۇ. مەكتە شتاتى 159.
1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 75 نەپەر (ئالىي لىكتور 20 نەپەر، لېكتور 33 نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 1238 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەدلىيە
كەسپىي خادىملاردىن 5000 نەپەردىن ئارتۇقنى، ئەدلىيە كادىر - ساقچىلىرىدىن 1000 نەپەردىن ئارتۇقنى تەربىيىلىگەن.