UyghurMain Dictionary
شادىيانە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. تەنتەنىلىك ھالدا؛ خۇشال - خۇراملىق بىلەن.
ناغرىچىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق جۈپ ناغرىسى شادىيانە گۈمبۈرلەپ، ئويغاتقۇچى جاراڭلىق مۇقام ئاھاڭلىرى تاڭ شاماللىرى ئارقىلىق يىراق - يىراقلارغا كەتتى.
سۈپ. تەنتەنىلىك، شاد - خۇراملىق نامايان بولۇپ تۇرغان.
ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى قىزارغان، كۆزلىرىدە بىر خىل شادىيانە نۇر جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
ئى. غەلىبە، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىقلارنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن چېلىنىدىغان تەنتەنە مۇزىكىسى، شادلىق كۈيى؛ ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.
ناغرا بىلەن سۇناي شادىيانىدىن ساماغا يۆتكەلدى.