Chinese→UyghurMain Dictionary
普林尼
تارىخ
pǔ lín ní
پىلتېي
دۇنيا تارىخى
پلىنىئۇس
(1) چوڭ پلىنىئۇس (23 - 79) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى كومۇم (ھازىرقى كومو) دا، بر رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىمدا تەلىم ئېلىپ، ئاقلىغۇچى بولغان. كېيىن گېرمانىيە، ئىسپانىيە، گاللىيە ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولغان. ئىمپېراتور ۋېسپاسىئانۇس تەرىپىدىن دېڭىز فلوتىنىڭ باش بوغلىقىغا تەيىنلىنىپ، كامپانىيىنىڭ مىسېنۇم دېگەن جايىنى ساقلىغان. مىلادىن 79-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋېسۇۋى يانار تېغى پارتلىغاندا كېمە بىلەن نېئاپول قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا بېرىپ كۆزەتكەن ھەمدە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا زەھەرلىنىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. پەلسەپە، تارىخ، ستىلىستىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت قامۇس شەكىلىدىكى 37 توملۇق ئەسەر - <تەبىئەت تارىخى> لا ساقلىنىپ قالغان، ئۇ بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېتالچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، تېببىي دورىلار، سەنئەت قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قەدىمكى رىم ئىلىم - پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. (2) كىچىك پلىنىئۇس (مىلادى 61 - ياكى 26-يىلدىن مىلادى تەخمىنەن 113 - يىلغىچە)، قەدىمكى رىمنىڭ نەسرىي ئەسەر يازغۇچىسى. چوڭ پلىنىئۇسنىڭ جىيەنى ۋە بېقىۋالغان ئوغلى. كۈئىنتىلىياندىن ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. مىلادىن 93-يىلى باش سودىيىلىككە تەيىنلەنگەن. كېيىن ئىمپېراتور ترايانۇسنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، 100-يىلى ئارخونلىققا تەيىنلەنگەن، 211ىلى بىتىنىيە (كىچىك ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىسيى بولغان. تارايانۇسقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىدىن <مەدھىيە> دېگەن ئەسىرىنى يازغان، ھازىر ساقىنىۋاتقان 13 توملۇق <خەت - چەكلەر توپلىمى> 300 پارچىدىن ئارتۇق خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، راۋان يېزىلغان. ئۇنىڭدىكى ترايانۇس بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ مۇرىتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يېزىشقا خەتلىرى، دەسلەپكى خرىستىئان دىننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.