UyghurMain Dictionary
تەرەپنى بەلگىلەش
پسىخولوگىيە
«تەرەپنى ئىدراك قىلىش» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ جىسمنىڭ بوشلۇقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورنىنى ۋە ئورگانىزم ئۆزىنىڭ بوشلۇقتا تۇرغان ئورنىنى ئىدراك قىلىشتىن ئىبارەت. ئالدى، كەينى، ئوڭ، سول تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى كۆزەتكۈچىنىڭ تاشقى جىسىملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسەن كۆزەتكۈچىنىڭ بەدىنى ئاساس قىلىنىدۇ. يۇقىرى، تۆۋەنلىكتە (يەنى ئۈستى تەرەپ بىلەن ئاستى تەرەپتە) يەر بىلەن ئاسمان ئورنىدىن پايدىلىنىلىدۇ. جىسمنىڭ تەرەپلىرىنى ئىدراك قىلىش ئاساسەن كۆرۈش سەزگۈسى، ھەرىكەت سەزگۈسى ۋە ئالدىنقى دالانچە ئانالىزاتورىنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاۋاز مەنبەسىنىڭ ئورنىنى بىلىش ئاڭلاش سەزگۇسى ئانالىزاتورى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ سەزگۈلەر ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆز ئارا باغلىنىپ كىشىنى نەرسە ۋە ئۆزىنىڭ بوشلۇقىتكى ئورنىغا توغرا ھۆكۈم قىلدۇرىدۇ