UyghurMain Dictionary
بېلگراد پاشا رايونى
دۇنيا تارىخى
ئەسىردىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ مەمۇرىي رايونى. دوناي دەرياسى بىلەن ساۋا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سېربىيە زېمىنىغا جايلاشقان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېربىيە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغان. 1804 - 1813 - يىللىرى تۈركىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال مۇشۇ يەردە پارتلاپ، مۇستەقىل سېربىيە دۆلىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ بازىسى بولۇپ قالغان.