Uyghur→ChineseMain Dictionary
بېدربددىن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
贝得拉丁起义
bèi dé lā dīng qǐ yì
1415 - 1420-يىللىرى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئوسمان تۈركلىرى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى. ئاساسلىق رەھبىرى ئىسلام دىنى زاھىدلىق مەزھىپىنىڭ شەيخى بەدرىددىن (1358 تەخمىنەن 1416) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1415 - 1416-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن مانىسا، ئىزمىر، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ۋالاخىيە ۋە دوبرۇجا رايونلىرىدا قوزغالغان. دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن يەرلىرى بولغان ئۇششاق ئەمەلدارلار قاتناشقان، قوزغىلاڭچىلارمۇ مۈلۈك ئومۇمنىڭ بولۇشىنى، بىر خۇدالىق ئۈچ دىن (ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى) ئورنىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربي قىسمىدىكى قوزغىلاڭچىلارخىئوس ۋە ساموس ئاراللىرىدىكى يۇنان دېھقانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۈركىيە فېئوداللىرىغا بىللە قارشى تۇرغان. 1420-يىلى قوزغىلاڭ سۇلتان قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن.