UyghurMain Dictionary
توسماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىدىن چىقىپ، ئىش _ ھەرىكەت قىلىشقا يول قويماسلىق.
ھەقىقەتەن _ قۇياش، ئالىقان بىلەن توسۇپ بولماس. ۋاقىت ھېچكىمنى تورىمايدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جاھىللىق، قوپاللىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بوۋاق ۋە كىچىك بالىلارنى ھاجەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەپلىك قىلىپ تۇتۇپ تۇرماق.
بالىنى توسماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توسۇق، قاشا ياكى توسماق قاتارلىق بىرەر نەرسە بىلەن تورىماق، قورشىماق ياكى ئىككىگە ئاجراتماق .
ئۆينى توسماق .
ئۆستەڭ بويلىرىدا بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان قاتار- قاتار ۋاقىتلىق ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانىلار بارئىدى .
دالدا قىلماق.
بۇلۇتنىڭ قۇياش نۇرىنى ئانچە - مۇنچە توسۇۋالىدىغان ھادىسىسى بولۇپ تۇرىدۇ.
كۆچمە. ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى چەكلىمەك، توختاتماق؛ قايتۇرماق.
غۇنچەم: - قىزىق گەپ قىلىسىز نۇرۇم، باغۋەننى گۈل ئۈزۈشتىن، مېۋە يېيىشتىن كىم توسۇپ قويىدۇ؟ - دېدى.
كۆچمە. مەنئىي قىلماق، چەكلىمەك.
- چېرىك قوشۇنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چېرىك ئېلىش كېرەك، - دېدى ئىلىك ھاجىپ، - لېكىن نامراتلاردىن ئېلىش، بايلاردىن ئالماسلىقنى توسۇش كېرەك.
توسقۇنلۇق شەكىللەندۈرۈپ، مېڭىش يولىنى ئەتمەك، توسالغۇ بولماق.
ئەنۋەر ئىتتىك بېرىپ، نىجاتنىڭ ئالدىنى توستى.
دۈشمەنلەر تاش كۆۋرۈكنى توسۇۋالسا، ئۇلار قانداق قايتىپ چىقىدۇ.
توسما ياكى توسۇق بىلەن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەك، باشقا يۆنىلىشكە باشلىماق.
ئۆرۈك قىلكوس، بۇغدايغا سۇنى توس (ماقال).