Uyghur→ChineseMain Dictionary
سېرىس دەرىخى
بىئولوگىيە
合欢
héhuān
پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. قوۋزىقى ئاچ سېرىق، قوڭۇررەڭ ۋە قارا، يېرىلمايدۇ، شاخلىرى چوڭ بولۇپ شالاڭ ئۆسىدۇ، دەرەخ تاجى كەڭرەك بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، جۈپ سانلىق ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. پەيسىمان يوپۇرمىقى 4 - 12 جۈپ، ئۇششاق يوپۇرمىقى 10 - 30 جۈپ، ئېللىپىس شەكىللىكتىن يىپسىمانغىچە، ئىككى يېنى يانتۇ ياپىلاق، تەگ يوپۇرمىقى بالدۇر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، كىچىك يوپۇرمىقى كۈندۈزى ئېچىلىدۇ، كېچىسى ياكى تومۇز ئىسسىقتا قاتلىنىۋالىدۇ. گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ، كىچىك گۈللەرنىڭ سانى كۆپ، كۈنلۈكسىمان تىزىلىدۇ، قولتۇقتا ياكى چوققىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى ئىككى جىنىسلىق، گۈل كاسىسى بىلەن گۈل تاجىدا قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئاتىلىقى كۆپ، ئاتىلىق يىپىنىڭ تۈۋى بىرلەشكەن، يىپسىمان، ئۈستى قىسمى قىزىل بولىدۇ. چوكا مېۋىسى ياپىلاق، يىپسىمان، رەڭگى قوڭۇررەڭ بولۇپ 8 - 12 دانە ئۇرۇقى بولىدۇ. خۇاڭخې، چاڭجىياڭ ۋە جۇجياڭ ۋادىسىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، شەرقتىن ياپونىيە، جەنۇبتىن ھىندىستان ۋە ئافرىقىدىكى ئىسسىق بەلباغلاردا ئۆسىدۇ. قۇمساڭ تۇپراق ۋە قورغاق كىلىماتقا چىداملىق، ئۆسۈشى تېز. ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق ۋە زىچ بولۇپ ھارۋىنىڭ چاقى، جۇۋاز ۋە ئۆي سايمانلىرى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇق قوۋزىقى دورىغا قوشۇلىدۇ. نېرۋىنى تىنچىلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇۇرش رولىنى ئوينايدۇ، ئاساسەن يەل قېيىۋېلىپ بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، قوۋۇرغا زەخمىلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
南洋楹
nán yáng yíngDباغۋەنچىلىك
合欢
hé huān