Uyghur→ChineseMain Dictionary
رۇس قانۇنى
دۇنيا تارىخى
罗斯法典
luó sī fǎ diǎn
(1) <رۇس ھەقىقىتى> ياكى <ياروسلاۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسى قانۇنى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. Ⅺ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىيېۋروستا ئېلان قىلىنغان بەگ - تۆرىلەر پەرمانلىرى توپلىمى. ياروسلاۋنىڭ ئۈچ ئوغلى (1054 - 1073-يىللىرى بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) بەگ - تۆرىلەر ھاكىمىيىتىنى قوغداش، يەرلەرنى قوشۇۋېلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان فېئوداللىق يەر تۈزۈمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، <ياروسلاۋ قانۇنى> ئاساسىدا بىر ئاز تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ قانۇننى تۈزۈپ چىققان. ئالدىنقى قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى چېگرىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەر ۋە ئات - ئۇلاقلارنى ئوغرلىغانلارنى قاتتىق جازالاش قاتارلىق ماددىلارنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە فېئوداللارنىڭ خوجىلىق يېرىدىكى دېھقانلارغا قارىتا ئەدلىيە جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ قانداش جەمەتلەرنىڭ قىساس ئېلىش ئادەتلىرى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا <خۇن ھەققى> تۆلىتىش يولغا قويۇلىدۇ، يەنى ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە 40 گرىۋنا جەرىمانە تۆلەيدۇ، خوجىدار قاتارلىق ئېسىلزادە شەخسلەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەر <خۇن ھەققى> نى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ تۆلەيدۇ، فېئوداللار بىر دېھقاننى ئۆلتۈرۈۋەتسە پەقەت بەش گرىۋنا تۆلىسىلا بولىدۇ؛ دېھقانلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مىراسخورى بولمىسا، مال - مۈلكىگە خوجايىنى ئىگىدارلىق قىلىدۇ؛ ئوت قويۇپ ئېمىنىيە ياكى خامانلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر ئەڭ قاتتىق جازالىنىدۇ ھەمدە سۈرگۈن قىلىنىدۇ ۋە بارلىق مال - مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئ(2) كىيبې رۇسلىرى ۋەكىللىكىدىكى روسىيە فېئودال بەگ - تۆرىلەر قانۇنى توپلىمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.ئۇ ئادەت قانۇنلىرى، بەگ - تۆرىلەر قائىدە - نىزامى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامە ئۈلگىلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىدۇ. <ياروسلاۋ قانۇنى> ۋە <ياۋروسلاۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسى قانۇنى> قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە روسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅤ ئەسىردە روسىيىدە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت شەكىللەنگەن مەزگىلدە موسكۋا كىنەزلىكى <رۇس قانۇنى> نىڭ قىسقارتىلغان نۇسىسىنى تۈزۈپ چىققان. ھازىرغىچە تارقالغان نۇسخىلىرىدىن ئاددىي نۇسخا (Ⅺ ئەسىردىكى قەدىمكى نۇسخىسى)، كېڭەيتىلگەن نۇسخا (Ⅺ ئەسىردىكى قەدىمكى نۇسخىسى) ۋە قىسقارتىلغان نۇسخا (نەشىر قىلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىسى بار.