UyghurMain Dictionary
ئاۋرورا
دۇنيا تارىخى
(1764 - ؟) ئىتالىيە خىيالىي سوتسىيالىزمچىھى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيە ياكوبىنچىلىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. 1793-يىلى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، فرانسىيە مىللىي ئۇيۇشمىسىدىن ئىتالىيىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئىتالىيە ئارمىيىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1796 - 1797-يىللىرى مىلان ياكوبىنچىلىرىنىڭ رەھبىرى بولغان ھەمدە 1796-يىلى لومباردىيىدە مۇستەقىلىك جاكارلاشقا ئۇرۇنغان. 1797-يىلىدىن باشلاپ رىم ياكوبىنچىلىرىنىڭ <بروتو جەمئىيىتى> نىڭ پائالىيەتچىسى بولغان. رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن (1798 - 1799)، جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ سىياسىي ئوبزور ئەسەرلىرىدە ئىتالىيىنىڭ بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ۋە رىم پاپاسىنىڭ كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا مال - مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىجتىمائىي پرواگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرۇپ، روبېسپېر ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي مەۋجۇدات نەزەرىيىسىنى قوللىغان.