Uyghur→ChineseMain Dictionary
ئازىل مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
阿齐尔文化
ā qí ěr wén huà
ياۋروپا ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ئائىت مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپتە فرانسىيىدىكى تۇلۇزانىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 60 كىلومېىتر كېلىدىغان ئازىل ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە ئىسپانىيىگە تارقالغان. 1887 - 1889-يىللىرى تەكشۈرۈلگەندە، ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ ماگادالېن مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرغانلىقى باياقالغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم تېپىلغان ئوتتۇرا تاش قورال مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن قېپقالغان نەرسىلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئازىل مەدەنىيىتىنىڭ تاش قوراللىرى بىرئاز كىچىك، قوپالراق ياسالغان سۆڭەك قوراللار ۋە قىزىل رەڭدە سىزىق سىزىلغان نۇرغۇن ئۇششاق تاشلارمۇ بار ھەمدە سىپتا تاش قوراللارمۇ بارلىققا كەلگەن.
تارىخ
阿齐尔文化
ā qí ěr wén huà