—Reference
مەسنەۋى ۋە بېغىشلىمىلار
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
كىشىلەر باغ سەيلىسىدە تۈرلۈك كۆركەم مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپ ھاللاردا بەزى كۆركەم، مەنىلىك بېغىشلىمىلار ۋە شېئىرىي تۇيغۇ بېغىشلايدىغان مەسنەۋىلەرنى ئوقۇپ باھا بېرىشىدۇ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان بۇ بېغىشلىما ۋە مەسنەۋىلەر باغلارنىڭ ھەربىر مەنزىرە رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭدا ھەم باغ مەنزىرىسىنىڭ شېئىرىي ھېسسىيات بېغىشلايدىغان ئومۇمىي روھى نامايان قىلىنغان، ھەم باغ - ئورمان سەنئىتىنىڭ ئېستېتىكىلىق زوق بېغىشلاش رولى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن، جۇڭگو باغ - ئورمان سەنئىتىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
بۇرۇنقىلار مەدھىيىلەپ يازغان باغ - ئورمان بېغىشلىما ۋە مەسنەۋىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى باغلار مەنزىرىلىرىنىڭ مۇھىت ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەش مەنىسىگە ئىگە، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى چەكلىك ماكاننى چەكسىز تەبىئەتكە كېڭەيتىپ، پايانسىز ۋە چوڭقۇر بەدىئىي مەنزىل يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ بېغىشلىما ۋە مەسنەۋىلەرنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى ئاددىي سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە نادىر كېلىدۇ، باغ مەنزىرىلىرىگە نىسبەتەن رەڭدارلىق ئېلىپ كېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
يىراق تاغقا ئۇلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوينىغا ئالغان،
غەربىي جەنۇبىدا قات - قات چوققىلار، ئورمانلىقىدا بار ئۇز جىرالار؛
ئۇزىتىدۇ كەچكى شەپەقنى، قارشى ئالىدۇ ھىلال ئاينى،
باھار، كۈز چاغلىرىدا، پەلەككە يامىشىدۇ گۈل - گىياھلار.
بۇ، ياڭجۇ پىڭسەنتاڭ ھۇجرىسىغا يېزىلغان بىر مەسنەۋى. يۇقىرىقى مىسرالاردا فەن جۇڭئەننىڭ «يۆياڭ راۋىقى ھەققىدە» دېگەن قەسىدىسى بىلەن ئوۋ ياڭ شيۇنىڭ «مەيخور شىپاڭى ھەققىدە» دېگەن قەسىدىسىدىكى «يىراق تاغلار كۆچۈپ كېلىپ بۇ تاڭپىڭ راۋىقى بىلەن تۇتاشقان» دېگەن مىسرالارغا مۇشائىرە قىلىش مەنىسىگە ئىگە، تۆۋەنكى مىسراسى ۋاڭ يۈيرەننىڭ «خۇاڭگاڭدىكى بامبۇك راۋىقى ھەققىدە» دېگەن قەسىدىسى بىلەن سۇدۇڭپونىڭ «تۇرنا ئۇچۇرۇش شىپاڭى» دېگەن قەسىدىسىدىكى «پىڭشەن تېغىنىڭ سالاسۇن بوسۇغىسى تۇتىشىدۇ كۆك ئاسمانغا» دېگەن مىسرالارغا ئوخشاش ئېسىل مىسرالاردۇر. بۇنىڭدىن ماكان جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى زامان جەھەتتىنمۇ پىڭشەنتاڭ سەنئىتىنىڭ مەنە دائىرىسى ۋە تەبىئىي مۇھىت جەھەتتىكى كاتتا جامالىنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمىي باغلار ۋە مەشھۇر مەنزىرە رايونلىرىدا نەپىس ئىشلەنگەن بېغىشلىما ۋە مەسنەۋىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر مەنىلىك كىچىك ئەسەرلەر بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە باغ - ئورمان مەنزىرىلىرىنى بىر گەزچە كېلىدىغان تاختىغا سىغدۇرغان ھەم كىشىلەرنىڭ ئوي - خىياللىرىنى تەبىئەتكە كىرگۈزگەن، كىشىلەرگە سەيلىدىن گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلىغان.