UyghurMain Dictionary
قاملاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆڭۈلدىكىدەك، كۈتكەندەك، جايىدا بولماق.
مانا، ئۇنىڭ ئىشى قاملاشتى.
خۇددى راستتەكلا بولماق، بەئەينى ئۆزىلا بولماق، ئوخشىماق.
ئۇنىڭ يالغان ئېيتقىنى قاملاشتى.
ياراشماق، خوپ كەلمەك، ماس كەلمەك.
ئۇنىڭ كىيگەن كۆڭلىكى ۋە باشقا كىيىملىرىمۇ ناھايىتى قاملاشقانىكەن.
كۆچمە. كېلىشمەك، چىقىشماق، ياخشى كۆرۈشمەك.
ئۇلار ئىككىسى ئاستا - ئاستا قاملىشىپ قالدى.
خىل كەلمەك، لايىق كەلمەك؛ ياقماق.
- ئۆزۈم قايناتقان مۇسەللەستىن بىر ئاز بار، گۆش بىلەن تولىمۇ قاملىشىدۇ، بىر پىيالە ئوتلاپ كۆرەملا؟ - دەپ سورىدى ۋە جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا مۇسەللەسنى پىيالىگە قۇيدى.
قولاشماق، چاك باسماق، باغلاشماق (پىكىر، گەپ ھەققىدە).
- قانداق، سۆزۈم قاملاشتىمۇ؟ - يارايسەن تازا قاملاشتى.
كۆنمەك، ماسلاشماق، يەرلەشمەك.
- ئىدارىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە زادىلا قاملىشالمىدىم، ئايرىم قورۇ - جاي قىلايمىكىن دەيمەن، - دېدى يۈسۈپ قادىر قاتتىق بىر كېكىرىۋېتىپ.