Uyghur→ChineseMain Dictionary
برائونشۋېيگ خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
布伦瑞克宣言
bù lún ruì kè xuān yán
پرۇسىيە - ئاۋسترىيىنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى. 1792-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى پرۇسىيە - ئاۋستىريە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى برائۇنشۋېيگە ئېلان قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خىتابنامىنى فرانسىيە خانىكىسى مارى ئانتۋانېت (1753 - 1793) نىڭ تەلىپى بويىچە فرانسىيىلىك قاچاق ئاقسۆڭەك، گراف لىمون يېزىپ چىققان. ئۇ ئاۋستىريە كورۇلى ۋە پرۇسىيە ئىمپېراتورىنىڭ نامى بىلەن، لۇئى ⅩⅥ نىڭ ئەركىنلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇقىنى جەزمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى، ئىمپېراتور، خانىكە ۋە خان جەمەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توختىتىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى ئىمپېراتور دۈشمىنى ۋە توپىلاڭچى دەپ قارىلىپ قاتتىق جازالىنىدىغانىقىنى، قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان پارىژ ھەم باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانىلقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، پارىژنىڭ تۈپتۈز قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى جار سالغان. پارىژ خەلقى بۇ ئىغۋاگەرچىلىك خىتابنامىسىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 10-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇربولن سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.