English→UyghurMain Dictionary
Kanares
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كانارېلار
كانارېلار <كاننارالار>، <كانارلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كانارېلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دراۋېدلارنىڭ بىر تارمىقى، ئاھالىسىنىڭ 9.99 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ كاناتاڭ شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شىتاتلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ ئۈچ پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
كانارېلار دراۋېد ئىرقىغا كىرىدۇ؛ دراۋېد تىللىرى سىستېمسى جەنۇب تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كاننار تىلىنى قوللىنىدۇ، سانسىكىرىت يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن مىللىي يېزىقى بار.
كانارېلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنى بىلەن جائىنىزىم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنى ياكى خرستىئان دىنى پىروتېستانتىزىمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەرلىك ئىلاھقا چوقۇنۇش ۋە تائىپىچىلىك تۈزۈمى ئومۇمىيۈزلۈك ساقلانغان.
كانارېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كېۋەز تېرىلىدۇ.
كانارېلار ئاساسەن گۈرۈچ غىزاسىنى ئىستېمال قىلىدۇ، گۈرۈچ ئۇنىدىن ياسالغان قاتۇرماچقا ئامراق كېلىدۇ.
كانارېلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئۇچىسىنى ئەن رەخت بىلەن ئوراپ يۈرىدۇ. كوللېكتىپ سورۇنلارغا بارغاندا ئۇچىسىغا قارا كەمزۇل كېيىپ بېشىنى ئاق كەشتىلىك ياغلىق بىلەن ئورۇۋاىدۇ. دېھقانلىرى بېلىگە خەنجەر ئېسىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللىرى ئۇچىسىغا تار، كۆكسىنى يېپىپ تۇرىدىغان كۆينەك كېيىپ، بويۇن، بىلەك ۋە بېلىنى ئوچۇق قويىدۇ، بەدىنىگە زەپەر ۋە زەنجىۋىل سۈرۈپ، سېرىق قىلىۋالىدۇ، چىشىنىمۇ قارا قىلىپ بويىۋالىدۇ، چېچىغا گۈل تاقاپ يۈرۈيدۇ، ئاياللىرى بېشىدىن ئاياغلىرىغىچە خىلمۇ خىل زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالىدۇ.
كانارېلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى شىمالىي ھىندىستاندىكى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. بىراق ئۆتكۈزۈلۈش شەكلى ئوخشىمايدۇ.