—Reference
تاجىك مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
- ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى تاجىك مىللىتىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپى تەرەققىي قىلىشىغا باشلىدى. 1943 - يىلى
تاجىكلارنىڭ مەكتەپتىك ئوقۇغۇچىلار سانى 182 نەپەر بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن تاجىكلار مائارىپى تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1965 -
يىلى تاجىكلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 2192 نەپەرگە، يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك
مەكتەپتە 43 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 312 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپتە 19 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنكا
مەكتەپتە 18 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپتە بەش كىشىگە يەتكەن. تاجىك ئوقۇتقۇچىلىرى سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 79 كىشىگە، يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا
مەكتەپتە 13 كىشىگە، ئادەتتكى ئوتتۇرا مەكتەپتە تۆت كىشىگە، ئالىي مەكتەپتە يەتتە كىشىگە يەتكەن. پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي
يىغىنىدن كېيىن تاجىك مائارىپىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى تاجىكلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل
مەكتەپلەردىك ئوقۇغۇچىلار سانى، باشلانغۇچ مەكتەپتە 7138 كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 1401 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا
مەكتەپتە 195 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 88 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 65 نەپەرگە يەتكەن. تاجىك ئوقۇتقۇچىلار
باشلانغۇچ مەكتەپتە 543 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسزى ئوتتۇرا مەكتەپتە 83 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 12 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا
تېخنىكوم مەكتەپتە بىر كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە سەككىز كىشىگە يەتكەن. 1999 - يىلى تاجىكلارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى ھەر
دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 1802 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 354 نەپەرگە،
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 49 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 22 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 16 نەپەرگە يەتكەن.